مىسىردىكى قۇم بورىنى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مىسىرنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن قۇم بورىنى ۋە ناچار ھاۋا سەۋەبىدىن 5 كىشى ئۆلدى.

1127418
مىسىردىكى قۇم بورىنى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك ئاخباراتلاردا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كەفىر شەيخ شەھىرىدە قۇم بورىنى جەرياندا ئابتوبۇس ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پورت سەئىد شەھىرىدىمۇ قاتتىق شامال ۋە ناچار ھاۋا سەۋەبىدىن بىر بىنانىڭ بەزى قىسىملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 1 كىشى ئۆلگەن ۋە 2 كىشى يارىدار بولغان.

مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۈۋەيش شەھىرىدىمۇ بىر ئاپتوبۇس ئۆرۈلۇپ چۈشۈپ 27 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىرنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «MENA» نىڭ خەۋىرىدە بولسا، ئىسمائىلىيە شەھىرىدە قۇم بورنى ۋە ناچار ھاۋا سەۋەبىدىن ئېلېكتىر سىمى ئۈزۈلۈپ ئوت كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلگەن ۋەيا كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ناچار ھاۋا سەۋەبىدىن سۇۋەيش، زەرتىيات، رەشىد ۋە بۇرۇللۇس پورتلىرى مۇلازىمەتتىن توختىتىلغان.

كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۈپەيلى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايتەخت قاھىرە ۋە ئەس سەئىد شەھەرلىرىدە چوڭ يوللار قاتناشتىن توختىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر