دانىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بېرىشنى توختاتتى

دانىيە، يەمەندە باش كۆتۈرگەن ئىنسانىي كىرىزىستا رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىپ بېرىشنى توختاتتى.

1127531
دانىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بېرىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە باش مىنىستىرى ئاندېرس سامۇئېلسېن پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، يەمەندىكى ئۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«İnformation» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىمۇ ۋاقىپلاندۇرغان ھالدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتلىرىنى ئىمكانىيىتى بولسىلا قايتۇرۇۋېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھۇسىيلار غا قارشى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ باشلامچىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە يەمەندىكى ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلماقتا.

دانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى ۋە يەمەندە يۈز بەرگەن ئىنسانىي كىرىزىسىدىكى رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2018 – يىلى 22 – نويابىردا سەئۇدى ئەرەبىستانغىمۇ قورال ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بېرىشنى توختاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر