سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر قىز ئۆيىدىن قېچىپ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يەنە بىر قىز قاتتىق قوللۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئائىلىسىدىن قېچىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلدى.

1126967
سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر قىز ئۆيىدىن قېچىپ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئىشلەتكۈچىلىرى، ئائىلىسىنىڭ ئىزچىل قىيىن – قىستاقلىرىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۆيىدىن قاچقان نۇجۇد ئەلمەندىل ئىسىملىك بىر قىز توغرىسىدا دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئۇچۇر تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

نۇجۇد ئەلمەندىل ئىسىملىك ياش قىز تىۋىتتېر ئادرېسىدا تارقاتقان ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا، دادىسىنىڭ ئۆزىگە ئىزچىل ھالدا ئېغزاكى ۋە جىسمانىي بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆزىنى رىيادتا ياشايدىغان بىر ئائىلىنىڭ قىزى دەپ تونۇشتۇرغان نۇجۇد ئەلمەندىل، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ دادىسى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن ساقچىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۆزىنى دادىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى. يېقىندا دادىسىنىڭ يەنە ئەرزىمەس بىر ئىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىن قېچىشقا قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياش قىز، ئۆيىنىڭ پەنجىرىسىدىن ئاتلاپ قاچقاندىن كېيىن بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنىۋالغانلىقىنى، ئالاقىدار ئەمەلدارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئائىلىسىنىڭ قاتتىق قوللۇقىدىن قېچىپ تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكقا بارغان ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ھىمايىسىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازىتى بېرىلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق 18 ياشلىق قىز راھاف مۇھەممەد ئەلقۇنۇن، كانادا تەرىپىدىن پاناھلىق بېرىلىپ ئېلىپ كېتىلگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر