پومپېيو ئىراننىڭ قىتئە ھالقىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان قىتئە ھالقىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىقىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1126834
پومپېيو ئىراننىڭ قىتئە ھالقىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مايك پومپېيو، ئىراننىڭ تۈنۈگۈن تۇنجى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراننىڭ ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق ھۆججىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ، ئىراننىڭ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران، بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىغا 3 ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئامېرىكا تېھراننىڭ بۇ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

پومپېيو، ئالەم كېمىلىرىنى بوشلۇققا چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان تېخنولوگىيەلەرنىڭ قىتئە ھالقىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، تېھران دائىرىلىرى بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە تېخىمۇ ئېغىر ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىك جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر