نېتانياھۇ ئىراننى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بۈگۈن (15-يانۋار) ئەتىگەندە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقان ئىراننى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1126298
نېتانياھۇ ئىراننى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ يېڭى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوچاۋىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئىراننى يالغانچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ ئىراننىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقان ئوربىتاغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى ۋە تېھران ھۆكۈمىتىنى يالغان سۆزلەش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ ئوربىتاغا سۈنىي ھەنراھ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىدە ئىراننىڭ قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈچۈن باسقان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى ھەرىكەت، ئىراننىڭ يالغانچىلىقلىرىنىڭ بىر پارچىسى. ئىسىرائىلىيە ئىراننىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇر. ئىران ھەر دائىم يالغان سۆزلەيدۇ.»

ئۇ سۈرىيەدە ئىراننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئىران نۇقتىلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «ئىرانغا سۈرىيەدىن تېزلىكتە ئايرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگىنىمىزدەك، توختىماستىن ۋە قورقماستىن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر