دونالد ترامپ ئاقسارايغا سىرتتىن پىززا بىلەن ھامبېۇرگېر بۇيرىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمەت تاقىۋتىلگەنلىكى ۋە ئاقسارايدا يېتەرلىك خىزمەتچى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن سىرتتىن پىززا بىلەن ھامبېۇرگېر زاكاس قىلدى.

1126142
دونالد ترامپ ئاقسارايغا سىرتتىن پىززا بىلەن ھامبېۇرگېر بۇيرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارا پۇتبول بىرلەشمىسى لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ماھىرلىرىنى ئاقسارايدا مېھمان قىلىش ئۈچۈن، سىرتتىن 300 دىن ئارتۇق ھامبۇرگېر، پىززا ۋە بەرەنگە قورۇمىسى زاكاس قىلدى. 

دونالد ترامپ بۇنى مۇخبىرلارغا چۈشەندۈرگەندە، ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن پۇلىنى ئۆز يېنىدىن تۆلەپ، سىرتتىن تاماق زاكاس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ئاقساراينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جەمئىي 800 مىڭدىن ئارتۇق دۆلەت خادىملىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.

خادىملارنىڭ بىر قىسىمى مەجبۇرىي رۇخسەت ئالغان بولسا، بىر قىسمى 23 كۈندىن بۇيان ھەقسىز خىزمەت قىلماقتا.

دونالد ترامپ فېدېراتسىيە خام چوتىنى مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، تەستىقلىمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق خامچوتنى پۈتۈشەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن تاقىلىپ قالغىلى 23 كۈن بولدى.

ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىش پىلانىنىڭ چىقىمى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان پۇل تېخىچە ئاۋام پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە دېموكراتچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر