ئىراندا بىر يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا قاراشلىق سەفادەشت تاغلىق رايونىدا بىر يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
1124820
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنا، بويىڭ – 707 تىپلىق بىر يۈك ئايروپىلانىنىڭ تېھرانغا يېقىن يەردە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چۈشۈپ كەتكەن مەزكۇر ئايروپىلاندا 10 ئادەم بار ئىكەن.