مېكسىكا ھۆكۈمىتى 68 ياشتىن ئاشقان ھەر بىر پۇقراسىغا مائاش بېرىدىغان بولدى

مېكسىكا پىرېزىدېنتى لوپېز ئوبرادور 68 ياشتىن ئاشقان ھەر بىر پۇقراغا مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1125281
مېكسىكا ھۆكۈمىتى 68 ياشتىن ئاشقان ھەر بىر پۇقراسىغا مائاش بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا 68 ياشتىن ئاشقان بارلىق پۇقراغا ئىككى ئايدا بىر مائاش بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت لوپېز ئوبرادور 2000-يىلى مېكسىكا شەھەر ھۆكۈمەت باشلىقى ۋاقتىدا ياشانغانلار ئۈچۈن يولغا قويغان مائاش سىستېمىسىنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت مىقىياسىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىرېزىدېنت ئوبرادور 68 ياشتىن ھالقىغان بارلىق پۇقراغا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم 2550 پېسو مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوبرادور ھۆكۈمەتنىڭ 8 مىليون 500 مىڭ پۇقراغا مائاش بېرىش ئۈچۈن بۇ يىل ئومۇمىي راسخوتتىن 5 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #مېكسىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر