كەركۈكتە دائېش تېررورچىلىرى يەنە بىر نەچچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

كەركۈكتە دائېش تېررورچىلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ ئىككى كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1124932
كەركۈكتە دائېش تېررورچىلىرى يەنە بىر نەچچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ 2 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن ھامىد ئەل ئۇبەيدى، دائېش تېررورچىلىرىنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلىپ بىر ھاشدى شابى ئەزاسى بىلەن بىر ئايالنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھامىد ئەل ئۇبەيدى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىدا يەنە ئىككى بالىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇبەيدى ھۇجۇملارنىڭ بىرىنىڭ كەركۈكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دىبس ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىگە يېقىن جايدىكى ھاشدى شابى كونترول ئېغىزىدا، يەنە بىرىنىڭ ئەل-ھاۋىجا ناھىيەسىدىكى بىر يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھاشدى شابى كونترول ئېغىزىغا ھۇجۇم قوزغىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تېررورچىلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئۇبەيدى، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈك ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان سالاھىددىن ۋە دىيالا رايونلىرىغا پات-پات ھۇجۇم قوزغاپ تۇرىدۇ.

دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بۇ رايونلار يەرلىك خەلق تەرىپىدىن «ئۆلۈم ئۈچ بۈرجىكى»دەپ ئاتىلىدۇ.


خەتكۈچ: #كەركۈك , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر