ھىندىستاننىڭ پاكىستانلىق بىر دىپلوماتنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ھىندىستان، پاكىستاننىڭ يېڭى دېھلى (دېلھى) دىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

1125385
ھىندىستاننىڭ پاكىستانلىق بىر دىپلوماتنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندىكى دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ گېئو خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەلچىخانا خىزمەتچىسى قانۇنسىز رەۋىشتە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

بىر قانچە سائەت نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان دىپلوماتنىڭ بەزى ماتېرىياللارغا مەجبۇرىي قول قويدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر مەنبەلەر، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، مەزكۇر نازارەت ئاستىغا ئېلىش قىلمىشىنىڭ دىپلوماتلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشنى مەزمۇن قىلغان ۋىيېننا كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر