ئىراق ھەيئىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

ئىراق ھەيئەتلىرىنىڭ 2018 – يىلى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ھاكىمنىڭ پارلامېنتقا چاقىرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

1124567
ئىراق ھەيئىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق ئىراق باش مىنىستىرلىرىدىن نۇرى ئەلمالىكىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دەۋا پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئالىيە نەسىف باغدادتا بايانات بېرىپ، ئىراق ھەيئەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىراق - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست – يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، پارلامېنتتىكى 76 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسىنى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر قاراشلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان نەسىف، بۇ ھەقتە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاكىمنىڭ پارلامېنتقا چاقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسىدا تارقىتىلغان ئۇچۇرلاردا، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئىراقتىن 3 ھەيئەتنىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى، مەزكۇر ھەيئەتنىڭ سۈننىي ۋە شىئە مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىراقتا پائال كۈچكە ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئىراق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەسەن ئەلكەئبى، پارلامېنت تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىن مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ راست – يالغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

مەزكۇر ھەيئەتتە ئىراق پارلامېنت ئەزالىرى خالىد ئەلمەفرەجى ۋە ئەھمەد جەبرانىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بىراق ھەر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بۇ دەۋالارنى كۈچلۈك شەكىلدە رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر