ماكېدونىيە دۆلەت ئىسمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان بولدى

ماكېدونىيە پارلامېنتى دۆلەت نامىنىڭ «شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپنامىسىنى تەستىقلىدى.

1124229
ماكېدونىيە دۆلەت ئىسمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيە پارلامېنتىدا 120 پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، يىغىنغا ئۆكتىچى ماكېدونىيە ئىچكى ئىنقىلاب تەشكىلاتى ماكېدونىيە خەلق دېموكراتىك بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشمىشىدى. قالغان 81 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە، ئىلگىرىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرىش كىرگۈزۈشنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن پارتىيەدىن قۇغلاپ چىقىرىلغان 8 نەپەر مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار ئىدى.

گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيە ئوتتۇرىسىدا 17ئىيۇندا ئىمزالانغان پىرېسپا كېلىشىمى دائىرىسىدە، ماكېدونىيەنىڭ ئىسمىنىڭ «شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيتى» دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپنامىسى ئومۇمىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلغان 81 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋازى بېرىشى بىلەن تەستىقتىن ئۆتتى.

ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپنامىسى پىرېزىدېنت گىيورگې ئىۋانوۋ تەستىقلىغاندىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. 

تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ماكېدونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئىسمى بولغان «ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نامىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق گىرېتسىيە ئۆز تىرېتورىيەسى دائىرىسىدىمۇ بىر ماكېدونىيە ئىسىملىق رايوننىڭ بارلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، دۆلەت نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ماكېدونىيە 1991يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان خوشنىسى گىرېتسىيە بىلەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسىم مەسلىسى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولالمىغان ئىدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس جىپراسمۇ يانۋار ئېيىدا بۇ كېلىشىمنى گىرېتسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ماكېدونىيە ۋە گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدىكى شەرتلەر تۇلۇق ئورۇندالغاندىن كېيىن، ماكېدونىيەنىڭ «شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» نامى بىلەن رەسمىي ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 30ئەزاسى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر