ئامېرىكادىكى بەزى ئايرودۇرۇملاردا ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى

ئامېرىكادا فېدارتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ئىشقا چۈشمەسلىكى تۈپەيلى بەزى ئايرودۇرۇملاردا ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى.

1123480
ئامېرىكادىكى بەزى ئايرودۇرۇملاردا  ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ 20 كۈندىن بۇيان قىسمەن تاقاق ھالەتتە بولۇشى تۈپەيلى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى ئاز ئايرودۇرۇملاردا ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى.

نىيۇيورك، ۋاشىنگىتون ۋە چىكاگوغا ئوخشاش ئىشتاتلاردىكى ئايرودۇرۇملاردا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەندى.

ئامېرىكادا ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن تاقاق ھالەتتە بولۇشى ئامېرىكا قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئايرودۇرۇملاردا خىزمەت سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەندىن سىرت ھاۋا قاتناشىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغان كەيپىياتمۇ پەيدا بولدى.

مېكسىكا چېگراسىغا بىخەتەرلىك تاملىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان راسخوت مەسىلىسىدە ترامپ تەلەپ قىلغان فوندنىڭ ئاجرىتىلماسلىقىغا قارىتا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن دېموكراتچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان ئامېرىكادا، فېدراتىپ ھۆكۈمەت 20 كۈندىن بۇيان قىسمەن تاقاق ھالەتتە تۇرماقتا.

فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ دېموكراتچىلاردا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، بىخەتەرلىك تاملىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك راسخوت ئاجرىتىلمىغان تەقدىردە ھۆكۈمەتنىڭ ئايلارچە، ھەتتا يىللارچە تاقاق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى دەپ كېلىۋاتقان بولسا، دېموكراتچىلار پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ چېگرا بىخەتەرلىك تاملىرى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان راسخوت مىقدارىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ياقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر