رۇمېنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى

رۇمېنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاۋىستىرىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالدى.

1123831
رۇمېنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمېنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتىكى ئاسېنېئۇم كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئانتونىئو تاجانى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك، رۇمىنىيە پىرېزىدېنتى كلائۇس ئىئوھاننىس، رۇمىنىيە پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالىن پوپېسكۇ تارىسېئانۇ ۋە رۇمېنىيە باش مىنىستىرى ۋىئورىئا دانسىلا قاتارلىقلار قاتناشتى.

رۇمېنىيە پىرېزىدېنتى كلائۇس ئىئوھاننىس مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ 12 – يىلىغا قەدەم قويغاندا نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى،  ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ماس قەدەمدە خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2019 – يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىشى، كۆچمەنلىك ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك رۇمېنىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر، رۇمېنىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا رۇمىنىيە بولمىسا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بوشلۇق پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن، رۇمېنىيەنىڭ سىچېگېن رايونىغا جايلاشقان ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، چىرىكلىككە قارشى  كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر