كىم جوڭئۇن خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن 4 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتتى.

1122235
كىم جوڭئۇن خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننى 4 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن 7 –يانۋاردا بېيجىڭغا ئېلىپ كەلگەن «يېشىل پويىز» بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 10-يانۋارغىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ رەسمىي زىيارىتى توغۇرلۇق ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

10 ئاي ئىچىدە خىتاينى تۆتىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان كىم جوڭئۇن، بېيجىڭدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە ئەنئەنىۋى خىتاي تېبابىتى ئۈچۈن دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

كىم جوڭئۇننىڭ زىيارىتى توغرۇلۇق خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجرىتىلمىدى، بىراق كىم جوڭئۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇن 1-يانۋاردىكى نۇتىقىدا شىمالىي كورېيەنىڭ دورا سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.

ئەنئەنىۋى خىتاي تېبابىتىدە كەڭ ئىشلىتىدىغان «گىنسىڭ» ئەڭ كۆپ چىقىدىغان شىمالىي كورېيە، خىتاي بىلەن بولغان بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىرىدىن لۇ كاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كۆرۈشمىگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

باياناتچى لۇ كاڭ«بۇ ھەقتە كونكرېت مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن رەسمىي بايانات بېرىلىشىنى كۈتۈڭلار»دېدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە شىمالىي كورېيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدىغانلىقىغا دائىر ئانالىزلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر