كىم جوڭئۇن خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ 4 كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1121501
كىم جوڭئۇن خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، كىم جوڭئۇن ۋە ئايالى رى سولجۇنى ئېلىپ ماڭغان مەخسۇس پويىزنىڭ ئەتىگەندە پايتەخت بېيجىڭدىكى بىخەرتەلىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلغان پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىم جوڭئۇن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتتە، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان يادرو مۇزاكىرەلىرىگە مەسئۇل ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچول، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نو كىۋاڭچول قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇامۇ كىم جوڭئۇن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كىم جوڭئۇن 4 كۈنلۈك زىيارەت دائىرىسىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

زىيارەتتە، شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرەلىرى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرەلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر