ب د ت نىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ب د ت تەرىپىدىن تەييارلانغان ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتا، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ %72 نى ئايال ۋە كىچىك قىز بالىلارنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

1121242
ب د ت نىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادىكى ب د ت ئىشخانىسىدا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، ب د ت زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى (UNODC) تەييارلىغان «2018-يىللىق دۇنيا ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا، ب د ت زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى يۇرى فېدوتوۋ بىلەن ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارىن كنېيسسىل قاتناشتى. دوكلاتنىڭ 142 دۆلەتتىن توپلانغان مەلۇماتلار نەتىجىسىدە تەييارلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى خاھىشلىرى ۋە تۈرلىرى تەتقىق قىلىنغاندىن باشقا، بولۇپمۇ قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 97 دۆلەتتە تەخمىنەن 24 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ %49 نى ئاياللار، %23 نى كىچىك قىز بالىلار، %21 نى يېتىلگەن ئەرلەر ۋە %7 نى كىچىك ئوغۇل بالىلار ئىگىلەيدىكەن. ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە «جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە» %59 لىك نىسبەت بىلەن، ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ داۋاملاشماقتا ئىكەن. «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بولسا، بارلىق ۋەقەلەرنىڭ تەخمىنەن %34 نى ئىگىلەيدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %7 ى ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

دوكلاتتىكى 2004-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىچىك بالىلارنىڭ نىسبىتى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن. كىچىك قىز بالىلارنىڭ نىسبىتى ئوغۇللارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. كىچىك قىز بالىلارنىڭ %72 ى جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە، ئوغۇل بالىلارنىڭ %50 ى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەقسىتىدە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىكەن.

ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا چۆللىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى بولۇپ، مەزكۇر رايونلاردا بۇ جىنايەتلەرگە بېرىلىدىغان جازالار يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

قوراللىق توقۇنۇشلار ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا جىنسىي قۇللۇقنى ئاساس قىلغان ھالدا، بالىلارنى مەجبۇرىي ئۇرۇشقا سېلىش ۋە مەجبۇرىي ئۆيلەندۈرۈلۈش ئۈچۈن ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلىنىدىكەن.

ب د ت زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايەتكە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى يۇرى فېدوتوۋ ئادەم ئەتكەسچىلىكى تۈرلىرىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قورقۇنچ پەيدا قىلىش ئارقىلىق يېڭى جەڭچىلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىگۇناھ كىشىلەرنى تورىغا چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 يىلدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ دوكلات زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قوغداش، جىنايەتچىلەرنى ئادالەتكە تاپشۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىيات مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بارلىق دۆلەتلەرنى تېخنىك جەھەتتىن قوللىشىمىز ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارىن كنېيسسىل ئادەم ئەتكەسچىلىكى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ۋە جىنايەتچىلەر سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئادەم ئەتكەسچىلىكى چېگراسى بولمىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەتلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر