سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر پۇقراسى تايلاند ئايرودۇرۇمىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى راھاف مۇھەممەد ئالقۇنۇن تايلاندنىڭ باڭكوك ئايرودۇرۇمىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باڭكوكتىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلدى.

1120393
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر پۇقراسى تايلاند ئايرودۇرۇمىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى راھاف مۇھەممەد ئالقۇنۇن تۋىتتېردا تايلاند ئايرودۇرۇمىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى پاسپورتۇمنى تارتىۋالدى. مېنى كېسەل ۋە قىلىۋاتقانلىرىمنى ئەقىلدىن ئاداشقانلىق، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقلىي سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن ھەقىقىي خەتەر ئاستىدىمەن» دېدى.

ئالقۇنۇن تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىگە ياردەم قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت دىن ھەر قانداق دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باڭكوكتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىىسى ئابدۇلىلاھ ئەششۇئەيىبى «ئەلخالىجىيا تېلېۋىزىيەسى» دە بايانات ئېلان قىلىپ، راھاف مۇھەممەد ئالقۇنۇننىڭ تايلاندتا مېھمانخانا تىزىملاتمىغانلىقىنى ۋە قايتىش بىلىتىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ئايرودۇرۇم دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسلىھەتچى ئابدۇلىلاھ ئەششۇئەيىبى راھاف مۇھەممەد ئالقۇنۇننىڭ ئائىلىسى ياشايدىغان كۈۋەيتكە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، تۋىتتېردا راھاف مۇھەممەد ئالقۇنۇن توغرىسىدا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

تۋىتتېر بىلەن يۇتۇب ئارقىلىق باڭكوك ئايرودۇرۇمىدا ئۆزىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان ئالقۇنۇن، بېرىش-كېلىىش ئايروپىلان بېلىتىنى كۈۋەيتتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئالغانلىقىنى، مېھمانخانىنى تىزىملاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى، كۈۋەيتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر