مالايشىيا بىرمانى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى

مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋان ئازىزاھ ۋان ئىسمائىل بىرما ھۆكۈمىتىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.

1120891
مالايشىيا بىرمانى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋان ئازىزاھ ۋان ئىسمائىل خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىدا ئاراكان مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكان رايونىدىكى روھىنگيالىقلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بەرمىگەنلىكىنى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتىن قاچقان ئاراكان مۇسۇلمان كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە مالايشىيانىڭ مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا مەسئۇل بولۇشنى باشقا دۆلەتلەرگە ئارتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«خەلقئارالىق جەمئىيەت بىرما ھۆكۈمىتىگە ئۆز پۇقرالىرىغا مەسئۇل بولۇش ۋە روھىنگيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى بېرىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىشى كېرەك.»

ئۇ مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىدە پاناھلانغان ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ داۋالىنىشى، تەلىم-تەربىيەسى ۋە ئىش تېپىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلار، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاسىر مۇھەممەد ئۆتكەن يىلى (2018) ت ر ت ۋورلىد قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىقلارغا كۆزىنى يۇمۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنتى ئاڭ سان سۇچىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر