زىمبابۋېدا دۆلەت ئىدارە - ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان 3 مىڭ ياش خىزمەتتىن بوشىتىلدى

زىمبابۋې ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەدبىرلەر دائىرىسىدە دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان 3 مىڭ ياشنى خىزمەتتىن بوشاتتى.

1119993
زىمبابۋېدا دۆلەت ئىدارە - ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان 3 مىڭ ياش خىزمەتتىن بوشىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامما خىزمەتلىرى كومىتېتى سېكرىتارى جوناتان ۋۇتاۋۇناشې، دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا مائاشنىڭ دۆلەت خامچوتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بەزى چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەتتىكى ئوخشاش بولمىغان مىنىستىرلىقلاردىن 3 مىڭ ياش ئىشتىن بوشىتىلدى ۋە بۇ كىشىلەر دۆلەت خىزمەتلىرىنى قىلىشقا لاياقەتلىك كىشىلەر ئەمەس ئىدى» دېگەن.

خىزمەتتىن بوشىتىش قارارىنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ 2019 – يىللىق پىلانلىرىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇتاۋۇناشې، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆتكەن يىلقى سايلاملاردىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋالغان زىمبابۋې پىرېزىدېنتى ئېممېرسون منانگاگۋا ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا قارشى كۈرەش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر