بىرازىلىيەدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

بىرازىلىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يامغۇر دەرەخزارلىقلىرىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى.

1119988
بىرازىلىيەدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى بايانات بېرىپ، مەركىزىي نۇقتىسى بىرازىلىيەنىڭ پېرۇ چېگراسىغا يېقىن تارائۇاجانىڭ 89 كىلومېتىر غەربىي قىسمى بولغان يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 575 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەشنىڭ ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان – چىقارمىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر