ئىراندا يېقىنكى 2 يىل ئىچىدە 30 توننا پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى

ئىراننىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان 30 توننا پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى.

1119866
ئىراندا يېقىنكى 2 يىل ئىچىدە 30 توننا پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى، قۇددۇس قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى مۇھەممەد مارانى ئىراننىڭ جەنۇبىدا پات - پات بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ۋەجىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا، يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان 30 تۇننا پارتلاتقۇچنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران مېدىياسىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد مارانى بۇ پارتلاتقۇچلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ 2017يىلىدا چاباھار شەھىرىگە قاراشلىق قاسرى قاند رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئەنسارۇل فۇرقان ناملىق قوراللىق تەشكىلات رەھبىرى جەلىل قانبەرزەھى تەرىپىدىن ئىرانغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئىراندا سۇنئىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان پاكىستان چېگراسىدىكى سىستان ۋە بۇلۇچىستان ئۆلكىسىدە ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەنمۇ تۇنۇلغان ئەنسارۇل فۇرقان تەشكىلاتى، ھىزبۇل ئەنسارى ئىران تەشكىلاتى بىلەن ئەل فۇرقان ناملىق ئىككى تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن 2013يىلى قۇرۇلغان ئىدى.

ئەنسارۇل فۇرقان تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى 2015يىلىغىچە ھاشىم ئەزىزى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 2015يىلىدىن 2017يىلىغىچە جەلىل قانبەرزەھى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر