زارىف: تەھدىت تەھدىتنى تۇغدۇرىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى مايك پومپېيوغا جاۋاب بېرىپ، «تەھدىت تەھدىتنى تۇغدۇرىدۇ» دېدى.

1119312
زارىف: تەھدىت تەھدىتنى تۇغدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زارىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىراننىڭ ئالدىمىزدىكى  ئايلاردا 3 دانە ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار سۆزلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ،  ئىراننىڭ ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق قارارىغا زىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق قارارىنى دەپسەندە قىلماقتا، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە باشقىلارغا تەۋسىيەدە بولۇشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا شۇ ھەقىقەتنى خاتىرىلىتىپ ئۆتمەكچىمەن؛ بىرىنچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1919 – نومۇرلۇق قارارى ئۆلۈكتۇر، ئىككىنچىسى، تەھدىت تەھدىتنى تۇغدۇرىدۇ، مەدەنىيەتلىك بولۇش بولسا مەنىيەتلىك بولۇشنى تۇغدۇرىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىراننىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار يازما باياناتىدا، بۇ ئالەم كېمىلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان تېخنولوگىيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن،  بۇنىڭغا خاتىمە بەرمىگەن تەقدىردە، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە يەنىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي ھەم دىپلوماتىك ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى بىلەن تېھران ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، «ئىراننىڭ بۇ پائالىيەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق قارارىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىشىغا يول قويالمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر