پاكىستان باش مىنىستىرى كونيادا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان كونيادا مەۋلانا  مۇزېيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

1118939
پاكىستان باش مىنىستىرى كونيادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىمران خان كونيا ئايرودۇرۇمىدا كونيا ۋالىيسى جۈنەيت ئورھان توپراق باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. كېيىنچە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە مەۋلانا  مۇزېيىغا بېرىپ، دۇنا قىلغان ئىمران خان، مەسئۇللاردىن مەۋلانا ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى،  مۇزېيدىن چىقىشىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سۇپىزىمنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى، سۇپىزمغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ مەۋلانانىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقپ ئوقۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پاكىستاننىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاتىسى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقى سىلەرگىمۇ ئايان، دەرۋەقە مەن مەۋلانانىڭ <ئۆيىمىزنىڭ ئىسمى> ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇدۇم، مەن مەۋلانا مۇتەخەسسىسى ئەمەسمەن، لېكىن، مەن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم، شەك – شۈبھىسىزكى، مەۋلانا سۇپىزىمنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلىدۇر.»

پاكىستان مىللىي شائىرى مۇھەممەد ئىقبالغىمۇ دۇئا قىلغان مۇھەممەد خانغا، مەۋلانانىڭ «دىۋانى كەبىر» ناملىق ئەسىرى بىلەن ماي بوياق رەسىم ھەدىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر