جون بولتون تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مەسىلىسى بويىچە كوردىناتسىيە ئىشلىرىنى سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1118884
جون بولتون تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون تۋىتتېردا تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشى، دائېشنىڭ قايتا پەيدا بولماسلىقى، دائېشقا قارشى بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ ئورنىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىراننىڭ رايوندىكى يامان نىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى بويىچە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن قانداق قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئىككىنچى قېتىم ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تۈركىيە زىيارىتىدە ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېفرېي بىلەن ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفوردنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر