ترامپ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىرانغا نېفىت سېتىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك نىڭ ئىرانغا نېفىت سېتىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1118209
ترامپ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىرانغا نېفىت سېتىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك نىڭ ئىرانغا نېفىت سېتىشىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ كابېنت يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيەدىكى  ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارى توغرىسىدا توختالدى.

ئامېرىكا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 4 ئاي ئىچىدە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگونغا سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا يوليۇرۇق چۈشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرى ئۈستىدە توختالغان دونالد ترامپ: سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى تېز ياكى ئاستا چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرىسىدا ھازىرغىچە بىر نەرسە دەپ باقمىدىم، بەزىلەر 4 ئاي دېگەنلىكىمنى دەۋاتىدۇ، مەن بۇنداق دېمىدىم، بىراق سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى بىرلا ۋاقىتتا چېكىندۈرمەيمىز، دېدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك نى قوللىشى توغرىسىدا توغرىسىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ي پ گ- پ ك ك نى تۈركىيە ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن باشقىلار ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار قولىدىكى ئازغىنە نېفىتنى ئىرانغا سېتىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن بىئارام بولدۇم، ئۇلارغا ئىرانغا نېفىت ساتماسلىقنى دېدۇق، شىرىكلىرىمىز بولغان كۈرتلەر ئىرانغا نېفىت سېتىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭدىن مەمنۇن ئەمەسمىز، مەنمۇ بىئارام بولدۇم، ئۇلار بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندا ئۇرۇشنى شۇنداق ياخشى قىلدى، مەلۇمكى بىز ئۇلارغا 30 يۈرۈش< F-18 > ئەۋەتتۇق، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تېخىمۇ ياخشى ئۇرۇش قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، كۈرتلەرنى قوغدىغىمىز بار، بىراق سۈرىيەدە مەڭگۈ تۇرۇپ بولالمايمىز، سۈرىيەدە قۇم ۋە ئۆلۈم بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر