پۇتىن بىلەن ماكرون سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆرۈشتى.

1118088
پۇتىن بىلەن ماكرون سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تېلېفوندا سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆرۈشتى.

كىرىمېل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كۆرۈشۈشتە ئىستانبۇلدا 2018-يىلى 27-ئۆكتەبىردە  سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە  ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل  قىلىش چارىلىرى تەپسلىي مۇزاكىرە قىلىندى.»

باياناتتا يەنە ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر