مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنغان تامنىڭ پۇلى سودا كېلىشىمى ئارقىلىق تۆلەنگەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان يېڭى تامنىڭ پۇلىنى، ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان سودا كېلىشىمى ئارقىلىق تۆلىگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

1118143
مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنغان تامنىڭ پۇلى سودا كېلىشىمى ئارقىلىق تۆلەنگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا خامچوتقا كىرگۈزۈش توغرىسىدا كونگرە بىلەن ئاقساراي ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان ۋە بۇ سەۋەبتىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تام ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ تام ھەققىدە مۇنداق دېدى:

«مېكسىكا، تامنىڭ پۇلىنى ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا سودا كېلىشىمى ئارقىلىق تۆلەيدۇ. تامنىڭ كۆپ قىسمى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى ۋە سېلىندى، كۆپ ئىش قىلدۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاۋام پالاتاسى تەستىقلىغان 5.6 مىليارد دوللار ناھايىتى ئاز رەقەم.»

ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن تامنىڭ پۇلىنى مېكسىكاغا تۆلىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى. مېكسىكا پىرېزىدېنتى پېنا نېيتو بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ مېكسىكا پىرېزىدېنتىغا، ئاخباراتقا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تامنىڭ پۇلىنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەستىقلىغان ئۆتكۈنچى خامچوت قانۇن لايىھەسىدە، مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تام ئۈچۈن 5.6 مىليارد دوللار فوند ئاجرىتىلغان ئىدى. بىراق، كېڭەش پالاتاسى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ترامپ بىلەن كونگرە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا بولغان ئىدى. ترامپمۇ ئۆتكۈنچى خامچوت لايىھەسىگە ئىمزا قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دېموكراتلار مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تامغا ئاجرىتىلىدىغان ئىقتىساد مەسىلىسىدە كەينىگە چېكىنمىگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت قىسمەن تاقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر