ئىراننىڭ تۇنجى سۈننىي ئايال باش ئەلچىسى

ئىراندا تۇنجى قېتىم بىر سۈننىي ئايال باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەندى.

1117611
ئىراننىڭ تۇنجى سۈننىي ئايال باش ئەلچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىھانگىرى، سىستان ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، قاسرى كەند ناھىيەسىنىڭ سۈننىي ئايال ھاكىمى ھۈمەيرا رىگىنى  «ئىراننىڭ بىرۇنېيدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى» سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان.

جىھانگىرى «تۆھپىكار دۆلەت خادىمى» دەپ ئاتىغان رىگى، مالايشىيانىڭ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن مەرزىيە ئافھام ۋە فىنلادىيە باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن پېرۋىن فېرسچىدىن كېيىن، 1979 – يىلقى ئىنقىلابتىن بۇيان باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن ئۈچىنچى ئايال بولۇپ قالغان، ھەمدە ئىران تارىخىدىكى تۇنجى سۈننىي ئايال باش ئەلچى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، رىگى ئىلگىرى ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چابالار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر