گېرمانىيەدە چەت ئەللىكلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېن ۋېستفالىيە ئۆلكىسىدىكى بوتروپ شەھىرىدە چەت ئەللىكلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1117408
گېرمانىيەدە چەت ئەللىكلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي رېن ۋېستفالىيە ئۆلكىلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېربېرت رېئۇل، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بوتروپ شەھىرىدە بىر زوراۋاننىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن چەت ئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «زوراۋاننىڭ نىيىتى چەت ئەللىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ئىدى.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 50 ياشلىق گېرمان زوراۋاننىڭ يېڭى يىل كېچىسى بوتروپ شەھىرىدىكى بېرلىن مەيدانىدا ئاپتوموبىلى بىلەن تېگى سۈرىيەلىك ۋە ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 1 ى ئېغىر، 4 كىشى يارىلانغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن شەھەردە قولغا چۈشكەن زوراۋان ئىرىقچىلىقققا تەشەببۇس قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلىغان.

ئېسېن باش تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن مۆنستېر ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئىكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، زوراۋان شۇ كېچىسى ئاپتوموبىلى بىلەن  باشقا جايلاردىمۇ پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ،  ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر