كولومبىيە پىرېزىدېنتىغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغان 3 ۋېنېزۇئېلالىق قولغا ئېلىندى
كولومبىيە پىرېزىدېنتىغا سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 3 ۋېنېزۇئېلالىق قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەدە پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكىيۇغا سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 3 ۋېنېزۇئېلالىق قولغا ئېلىندى.
كولومبىيەنىڭ كېسار رايونىدا 21-26-دېكابىر كۈنلىرىدە بىر نەچچە تاپانچا، دۇربۇن ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن بىللە قولغا چۈشۈرۈلگەن 3 ۋېنېزۇئېلالىق، پىرېزىدېنت دۇكىيۇغا سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.
كولومبىيەنىڭ كىۋىندىيو رايونىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيلېرمو بوتېرو، سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان گۇماندارلارنىڭ كەسپىي خادىملار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قولغا چۈشۈرۈلگەن قوراللارنىڭمۇ ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مۇداپىئە مىنىستىرى بوتېرو، بۇ دېلونىڭ مەخپىي تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: « پىرېزىدېنتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق.»
كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس ھولمېس ترۇجىللومۇ پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكىيۇنىڭ جېنىغا قەست قىلىنغان ھەر قانداق قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترۇجىللو كولومبىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكىيۇغا سۇيىقەست قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاللىبۇرۇن ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى ۋە تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرىسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يازغان ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاررېزا كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ترۇجىللونىڭ باياناتىدىن كېيىن، كولومبىە ھۆكۈمىتىگە ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى بېرىش ئۈچۈن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەنلىكىنى بىراق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىر ئاررېزا مۇنداق دېدى: «كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىپساتلىرى بولىدىغان بولسا ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەستىن بىز بىلەن دەرھال ئورتاقلىشىشى كېرەك.»
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ بۇ يىل 4-ئاۋغۇستتا سۇيىقەستىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئاررېزا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ئورناتقان تەقدىردە ھەر ئىككىلى سۇيىقەست ۋەقەسىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.