باڭلادېشتىكى سايلامدا ئاۋام ئىتتىپاقى يەنە ئۇتۇپ چىقتى

باڭلادېشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەسىنە رەھبەرلىگىدىكى ئاۋام ئىتتىپاقى زور پەرق بىلەن ئۇتۇپ چىقتى.

1116318
باڭلادېشتىكى سايلامدا  ئاۋام ئىتتىپاقى يەنە ئۇتۇپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەسىنە رەھبەرلىگىدىكى ئاۋام ئىتتىپاقى ئۇتۇپ چىقتى.

ئاۋام ئىتتىپاقى پارلامېنتتىكى 300 ئورۇندۇقنىڭ 287سىگە ئېرىشىپ ئۆكتىچىلەرنى زور پەرق بىلەن ئۇتۇۋالدى.

باڭلادېشتا ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 300 ئورۇندۇقتىن 151 ئورۇندۇققا ئېرىشىش كېرەك ئىكەن.

ئۆكتىچىلەر سايلامنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەملىكەتلىك بىرلىك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى كەمال ھۈسەيىن، سايلام نەتىجىسىنىڭ تولىمۇ بىمەنە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سايلام نەتىجىسىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سايلامغا ھىيلە -مىكىر ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھۈسەيىن، باڭلادېش سايلام كومىتېتىنى سايلام نەتىجىلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ئاۋام ئىتتىپاقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سايلىغۇچىلار ئۆكتىچىلەرنى خالىمىدى، لېكىن ئۆكتىچىلەر بۇنى قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ،  شۇڭا سايلام نەتىجىلىرىنى ھەزم قىلالمايۋاتىدۇ، دېمەككى ئۇلار كونا ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەپتۇ.»

39 سىياسىي پارتىيە قاتناشقان سايلامدا قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىنغان بولسىمۇ يەنىلا پارتىيە قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقىپ 17 ئادەم ئۆلۈپ 64 ئادەم يارىلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر