ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون كېلەر ئاي تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1115862
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون تۈركىيەگە كېلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جون بولتون ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىغا قاراتقان ھالدا، «يانۋاردا ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيەگە بېرىشنى سەۋىرسىز بىلەن كۈتمەكتىمەن. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرى ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن شېرىكلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرىلىشىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە سۆھبەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەسىلىسى، سۈرىيەدىكى ئورتاق تىرىشچانلىق، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىن چېكىنىشى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر