جەمال قاشىقچى جىنايىتى سەئۇدى ئەربىستاندا چوڭ ئۆزگىرىش ياراتتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم ئەل ئاسساف ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى جەمال قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چوڭ بىر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەرچۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1115685
جەمال قاشىقچى جىنايىتى سەئۇدى ئەربىستاندا چوڭ ئۆزگىرىش ياراتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم ئاسساف ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى.

«Al Hurra» تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، جەمال قاشىقجى جىنايىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا چوڭقۇر ئازابلىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم ئاسساف خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان بۇ جىنايەتنىڭ ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر كىرىزىسنى ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كۈچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇل ئەزىز تەرىپىدىن تۈنۈگۈن مىنىستىرلار كابېنتىدا كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلغان، ئادىل ئەل جۇبەيرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ئىبراھىم ئەسساف تەيىنلەنگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىسانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى جەمال قاشىقجىنىڭ 20 - ئۆكتەبىردە كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق ئەسناسىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر