ھىندونېزىيەدە يەنە يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي پاپۇۋا ئۆلكىسىدە يەر تەۋرىدى.

1115038
ھىندونېزىيەدە يەنە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي پاپۇۋا ئۆلكىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى.

ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە، كىلىمات ۋە گىئوفىزىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەربىي پاپۇۋانىڭ پايتەختى مانوكۋارىغا 55 كىلومېتىر ئۇزاقتىكى بىر جاينىڭ 26 كىلومېتىر يەر ئاستىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئالاقىدار ئورۇنلار دېڭىز تاشقى ھادىسىسى يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈپ ياكى يارىلانمىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇ يىل28-سېنتەبىردە سۇلاۋېسى ئارىلىدىكى پالۇ قولتۇقىدا مەيدانغا كەلگەن 7.5 بال يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ھادىسىسىدە 2000دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىپ، 1500گە يېقىن ئادەم يوقاپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر