خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىغان بولدى
خىتاينىڭ «Huawei» ۋە «ZTE» شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇچۇر – ئالاقە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەيدىغان قارارنامە يانۋاردا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يانۋاردا رەسمىي ئىجرا قىلىش باشلىنىدىغان پىرېزىدېنت قارارنامىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ «Huawei» ۋە «ZTE» شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇچۇر-ئالاقە مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىشىنى چەكلەشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى ئامېرىكالىق مەسئۇللارنى مەنبە كۆرسەتكەن ھالدا ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، خىتايدا نازارەتكە ئېلىنغان ئىككى كانادا پۇقراسىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ چوڭ تېخنىكا شىركىتى «Huawei» نىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇ كانادادا 1 – دېكابىردا ئايروپىلان ئالمىشىش ئەسناسىدا نازارەتكە ئېلىنغان ۋە ۋەقە مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە كانادانىڭ بېجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون مىك كاللومنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتقان ئىدى.
مىڭ ۋەنجۇ نازارەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن كانادا پۇقراسى مىچەل سىپاۋور ۋە مىچەل كوۋرىگ 10 – دېكابىردا «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان پائالىيەتلەردە بولۇش» گۇمانى بىلەن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى سىپاۋور بىلەن گوۋرىگ ھەققىدە ئايرىم- ئايرىم دېلو تۇرغۇزدى.
مىڭ ۋەنجۇ 12 – دېكابىردا كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
كانادا ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مېلانې جولىي 2 نەپەر كانادا پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 15 – دېكابىردىكى خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.