ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ئىشچى ئېلىشنى پىلانلىماقتا
ياپونىيە نوپۇسىنىڭ تىزلا ياشىنىپ كېتىشى ۋە ياش ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىقى سەۋەبىدىن كېلەر يىلى 100 مىڭلارچە چەت ئەللىك ئىشچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دائىرىدە ئاپرىل ئېيىدا ئىجرا قىلىشقا باشلىنىدىغان يېڭى ۋىزا رەسمىيەتلىرى بەلگىلىمىسى ئارقىلىق يېڭى كېلىدىغان چەت ئەللىك ئىشچىلار ئۈچۈن ئىشىكنى كەڭ ئېچىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
«Deutsche Welle» ئاگېنتلىقى تۈركچە تور بېتىدە چىققان خەۋەردە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتتە ئىشلەۋاتقان چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بېرىشقا دائىر قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ كەلگۈسى خىزمەت شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا ئورۇن ئالغان يېڭى تەدبىرلەر دائىرىسدە، چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ خىزمەت سائەتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشى، مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى ۋە خىزمەت كاپالىتىگە ئىگە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۈز مىڭلىغان چەت ئەللىك ئىشچىلارغا قارىتا كېرەكلىك تەييارلىقلارنى تاماملىمىدى، دەپمۇ تەنقىد قىلىنماقتا.
ياپونىيەدە چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ پاراكتېكا پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئىشلىتىپ، ئېكسپالاتاتسىيە قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئادۋوكاتلارنىڭ بەرگەن مۇلۇماتلىرىغا ئاساساسەن، پاراكتېكانت ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئىشچىلارنىڭ ياپونىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى قاتارىدا سۈيىئىستېمال قىلىنغانلىقى ۋە جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغان ھالدا ياشايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
بۇنڭىدىن باشقا يەنە، بۇ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاپىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا مۇرەسسەچى بولغان شىركەتلەرنىڭمۇ ئۇلارنى ئېغىر قەرزلەرگە بوغۇپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېڭى تەدبىرلەر دائىرىسىدە، چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.