مۇبارەك بىلەن مۇھەممەد مۇرسى تۇنجى قېتىم سوتتا يۈزلەشتى
مىسىرنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پېرىزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك بىلەن مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم دېموكراتىك شەكىلدە خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلغان سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى، «تۈرمىگە بېسىپ كىرىش دېلوسى» دائىرىسىدە، بۈگۈن سوتقا ئېلىپ كېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتقا دائىر يەرلىك مەتبۇئاتلار تارقاتقان قىسقا كۆرۈنۈشلەردە 90 ياشلىق مۇبارەكنىڭ ئوغۇللىرى ئالا ۋە جەمال بىلەن بىرلىكتە ھاسىغا تايىنىپ سوت مەھكىمىسىگە كىرگەنلىكى كۆرۈلدى.
ھەربىي – سىياسسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان مىسىر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ بولسا، ئەينەك قەپەزنىڭ ئىچىگە سولانغان ھالدا سوتقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«تۈرمىگە بېسىپ كىرىش دېلوسى» دا مۇرسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، بىراق ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ ھۆكۈمنى رەت قىلىپ، دېلونىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈلىشىنى قارار قىلغان ئىدى.
2017 – يىلى 26 - فېۋرالدا قايتا سوت قىلىنىش باشلانغان مەزكۇر دېلودا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد بەدى قاتارلىق 27 ئەزاسى سوت قىلىنماقتا.
2012 – يىلىدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان مۇھەممەد مۇرسى 2013 – يىلى 3 - ئىيۇلدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ھافىزە غايە ئەركان ئامېرىكادا ئەگىشىشكە كېرەكلىك ئاياللار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى
ئامېرىكا سودا ژۇرنىلى <فوربېس> 2024 - يىلىدا ئەگىشىشكە كېرەكلىك ئاياللار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.