ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى 43 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

1113096
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ناجىب دانىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر زوراۋاننىڭ ئاپتوموبىلىنى پارتىشىدىن كېيىن قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، كۆپىنچىسى ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ، 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 23 كىشى يارىلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىلارمۇ بىناغا كىرىپ، ۋەزىيەتنى كونتىرول ئاستىغا ئالغان،  قالغان 357 ھۆكۈمەت خادىمىنى سىرتقا چىقارغان. بۇ جەرياندا 3 قوراللىق زوراۋان ئۆلتۈرۈلگەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن ھۆكۈمەت بىناسىنى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى – تۈتەك قاپلاپ كەتكەن ھەمدە زوراۋانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش جەريانىدا كەم دېگەندە 5 قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرى ساقچى،  قالغانلىرى پۇقرا بولۇپ، يارىلانغان 23 كىشىدىن 3 سى ساقچى ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر