مېكسىكىلىق كىچىك قىزنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرى دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى

مېكسىكانىڭ ئامېرىكا چېگراسى بويىدا ياشايدىغان 8 ياشلىق دايامى ئىسىملىك بىر قىز ئارزۇ - تىلەكلىرىنى يازغان مەكتۇبىنى شارغا ئېسىپ قوشنا دۆلەت ئامېرىكاغا قويۇپ بەرگەن ئىدى.

1113042
مېكسىكىلىق كىچىك قىزنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرى دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «NBC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئارىزونادا تۇرۇشلۇق راندى ھېس ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ، ئىچىدە يېڭى يىل بايرىمى ئۈچۈن ئارزۇ - تىلەكلىرى يېزىلغان بىر شارنى ئۇچراتقان. 

راندى ھېس ئىسپانىيە تىلىدا يېزىلغان ئارزۇ - تېلەك مەكتۇبىنى ئايالى ئارقىلىق ئىنگىلىزچە تەرجىمە قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئارزۇ تىلەكلەر قەلبىمگە تەگدى ۋە ئىگىسىنى تاپماقچى بولدۇم» دېدى. 

ئارزۇ - تىلەك مەكتۇبىنىڭ چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى نوگالېس رايونىدىن كەلگەنلىكىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى ۋە ئارزۇ - تىلەك تىزىملىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلەشكەنلىكىنى ئېيتقان راندى ھېس، مېكسىكادا تارقىتىش بېرىدىغان بىر يەرلىك رادىيونىڭ ياردىمى بىلەن 8 ياشلىق دايامى ئىسىملىك ئۇ كىچىك قىزنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

راندى ھېس دايامىنىڭ ئارزۇ تىزىملىكىدىكى، ئۇيۇنچۇق خېمىر، ئويۇنچۇق بوۋاق، ئويۇنچۇق بوۋاق ئۆيى قاتارلىقلارنى كىچىك قىزغا يەتكۈزۈپ بەردى. 

«NBC» تېلېۋىزىيەسى چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدە يۈز بەرگەن بۇ ئارز تىلەك ۋەقەسىنى، «سۆيگۈنىڭ چېگراسى بولمايدۇ» سەرلەۋھىسى بىلەن خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر