ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشقا دائىر قارارنامە ئىمزالاندى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشقا دائىر قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1112237
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشقا دائىر قارارنامە ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئىمزالىدى.

ئامېرىكادىكى « CNN » تېلېۋىزىيە قانىلى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئىككى مەسئۇلنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، كېلەر يىلى يانۋاردا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قانداق ۋە قاچان چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بارلىقى، چېكىنىش خىزمەتلىرىنىڭ پات يېقىندا باشلىنىپ بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس ۋەزىپىسىدىن ئسىتېپا بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكانىڭ كېنتۇكى ئىشتاتى ئالىي پالاتا ئەزاسى راند پاۋۇل، « CNN » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتكەن پاۋۇل، دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراققا كىرىشىنىڭ «ئەڭ چوڭ تاشقى سىياسەت پاجىئەسى»دەپ تەرىپلىشىنىڭ تولىمۇ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارىنى بەزى ئامېرىكالىق گېنېراللارنىڭ تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پاۋۇل مۇنداق دېدى: «مەن پىرېزىدېنتتىن پەخىرلىنىمەن، ئۇ بۇرۇن مۇشۇنداق قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى، مېنىڭچە نۇرغۇن ئادەم بۇ مەسىلىدە پىرېزىدېنتىمىزغا ئوخشاش ئويلايدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن جايدا ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز، تىرىليون دوللار چىقىم قىلدۇق، بىز بۇ سەۋەبتىن سۈرىيەدىن چېكىندۇق.»

دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا پاۋۇلنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئورتاقلىشىپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر