پېنتاگون ي پ گ / پ ك ك غا بەرگەن قوراللار توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى ئۆزىنى قاچۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك غا بېرىلگەن قوراللارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

1112736
پېنتاگون ي پ گ / پ ك ك غا بەرگەن قوراللار توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى ئۆزىنى قاچۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى مىڭ بېشى سېين روبېرتسون، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ <سۈرىيەدە ي پ گ / پ ك ك غا بېرىلغان قوراللارنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىپ – ئېلىنمايدىغانلىقى> توغرىسىدىكى سوئالىغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى. باياناتىدا، SDF (سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى - ي پ گ / پ ك ك) نىڭ رايوندىكى دائېشقا قارشى پائال بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈر گەن روبېرتسون، «SDF غا بېرىلگەن قوراللارنىڭ چەكلىك شۇنداقلا ۋەزىپىلەرگە خاس ئىكەنلىكى، دائېشنى يېڭىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەدەممۇ قەدەم بېرىلىشى مەسىلىسىدە ھەردائىم ئوچۇق بولۇپ كەلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىككىنچى قېتىم سورالغان سوئالغىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پېنتاگوننىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن روبېرتسون، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەر ۋە پىلانلىق شەكىلدە سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈلۈشى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر