فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى توغرىسىدا توختالدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىدىن «چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى» نى بىلدۈردى.

1112292
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان چادنىڭ پايتەختى نېجامېنادا پىرېزىدېنت ئىدرىس دەبى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى ھەققىدە «چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتىمەن» دېگەن ماكرون، بىر ئىتتىپاقداشنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئىشەنچلىك بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، چەت ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ بىر باشقا دۆلەتنىڭ قارارىغا چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيەدىكى فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر