سەلماننىڭ دەۋرىدە ئۆلۈم جازالىرى كۆرىنەرلىك ئاشقان

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-رېپرې مۇھەممەد بىن سەلمان دەۋرىدە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1111823
سەلماننىڭ دەۋرىدە ئۆلۈم جازالىرى كۆرىنەرلىك ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-رېپرېۋ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندىن بۇيان، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇھەممەد بىن سەلمان دەۋرىدە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ %100گە يېقىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. دوكلاتقا  ئاساسلانغاندا،  مۇھەممەد بىن سەلمان 2017-يىلى ئىيۇندا ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندىن باشلاپ 2018-يىلى مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا، 133 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

دوكلاتتا 2018-يىلى ئىچىدە 147 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، 2014-يىلىدىن 2018-يىلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشى سانى 700 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ %49ى چەت ئەللىكلەر ئىكەن.

ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ %39نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى، بۇ جىنايەت تۈپەيلى 2014-يىلدىن ھازىرغىچە 246 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

دوكلاتتا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر ئىچىدە ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەن ھىندونېزىيەلىك تۇتى تۇرسىلاۋاتى ئىسىملىك بىر قىزمۇ بار ئىكەن.

بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن تۇرسىلاۋاتىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق ئائىلىسى ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە مەلۇماتمۇ بەرمىگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ پوزىتسىيەسى، بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا قائىدىلەرگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتى تۈپەيلى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن دوكلاتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھاكىمىيەتكە ئۆكتىچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان 54 كىشىگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر دوكلات ئۈستىدە توختالغان رېپرېۋ تەشكىلاتى مۇدىرى مايا فوئا: تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ دۆلەتتە زەھەرلىك چېكىملىك  جىنايىتى تۈپەيلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى، دېدى.

«جەمال قاشىقچى جىنايىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى»دېگەن فوئا، خەلقئارانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن سىياسىي مەھكۇملار ۋە ئاجىز كۆچمەن ئىشچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى تۈپەيلى جاۋابكارلىققا تارتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى، بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا بارىدۇ ۋە بۇ جايدا ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر