مالتا بىلەن ئىتالىيە كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋەتتى

مالتا بىلەن ئىتالىيەلىكلەر شىمالىي ئافرىقىلىق 313 كۆچمەننى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

1112038
مالتا بىلەن ئىتالىيە كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدىكى  ئوپېن  ئارمىس ئىسىملىك بىر ئاممىۋى تەشكىلات، مالتا ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاقدېڭىزدا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان 313 كۆچمەننى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ئاممىۋى تەشكىلات لىۋىيە دېڭىزىدا كونراپ كەتكەن بىر كېمىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان 313 كۆچمەننىڭ باشقا  بىر كېمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ تەشكىلات، بۇ كۆچمەنلەرنى مالتا ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ماتتو سالۋانى ئىتالىيە پورتلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاشقۇن مىللەتچىلەر پارتىيەسىنىڭمۇ رەھبىرى بولغان سالۋىنى: ئوپېن ئارمىس تەشكىلاتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەرنى دەسلەپ مالتاغا ئېلىپ باردى، مالتا بۇ كۆچمەنلەردىن بىر بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قوبۇل قىلىپ باشقىلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى، مەن شۇنى ئوچۇق دەيمەنكى: پورتلىرىمىز كۆچمەنلەرگە ئېچىلمايدۇ، ئادەم ئەتكەسچىلىرى ۋە ئۇلارغا يانتاياق بولغۇچىلارغا تېخىمۇ شۇنداق، دېدى.

مىنىستىر سالۋىنىغا تۋىتتېردىن جاۋاب قايتۇرغان ئوپېن ئارمىس تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئوسكار كەمپس: سالۋىنى بۇ گەپلىرىدىن ھامان بىر كۈنى ئۇيۇلىدۇ، دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىتالىيە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى دانىلو تونىنېللىمۇ تۋىتتېر ئادېرىسىدا مۇنداق مەزمۇندا ئۇچۇر يازدى: «لىۋىيە دېڭىزىدا كۆچمەنلەرنى ئىتالىيە قۇتۇلدۇرمىدى، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنداق قىلغىنى يوق، ئۇنداقتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانى نېمە؟ كۆچمەنلەر كىرىزىسىگە ياۋروپالىقلار  بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.»

بۇ يىل ئاقدېڭىزدا مەيدانغا كەلگەن كۆچمەنلەر ۋەقەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پات-پات كىرىزىس پەيدا قىلىپ تۇردى، بۇ قېتىممۇ دەسلەپ مالتا بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ ئارقىدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كېڭەيگەن بىر كۆچمەنلەر كىرىزىسى يۈز بەردى، 629 كۆچمەننى ئېلىپ ماڭغان ئاكىۋارىس ناملىق كېمە بىر نەچچە كۈن ئاقدېڭىزدا توختىتىپ قويۇلدى، ئاخىرى ئىسپانىيەدىكى ۋالېنكىيا پورتى بۇ كېمىنىڭ كىرىشىگە يول قويدى ۋە كىرىزىس ھەل بولدى. 

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنى كۆچمەنلەرنى ئېلپ ماڭغان كېمىلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە كۆز يۇمۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بولسا كۆچمەنلەر كىرىزىسىگە چارە تاپماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر