ترامپ گراھامنىڭ سۈرىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىنى ئەيىبلىگەن جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسەتچىلىرىدىن لىندسېي گراھامنى تەنقىد قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «لىندسېي گراھامنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى قوغداشقا ۋە مىلياردلارچە دوللارنى تېجەپ قېلىشقا قارشى ئىكەنلىكىگە ئىشنىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. نېمىشقا (سۈرىيەدە) قېلىپ ۋە دائېشلىقلارنى رۇسىيە، ئىران ۋە باشقا مەھەللىي تەرەپلەر ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ دۈشمىنىمىز بولغان سۈرىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز؟ ۋاقىت، ئۆز دۆلىتىمىزگە مەركەزلىشىش ۋە ياشلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىش ۋاقتىدۇر.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ترامپنىڭ قارارىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرغان گراھام بولسا، بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «سۈرىيەدە بىر كۈچ بوشلۇقى شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.
سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر قارارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گراھام، ترامپنى قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.