كېنىيەدە 3 ئايدا 26 پىل ئۆلدى

كېنىيەنىڭ ماسائى مارا دۆلەتلىك ئالاھىدە قوغداش رايونىدا 3 ئايدا 26 پىل ئۆلدى.

1110510
كېنىيەدە 3 ئايدا 26 پىل ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارا پىل لايىھەسى «MEP» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ قېتىمقى دوكلاتتا، كېنىيەنىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك زاپاس رايونى ماسائى مارادا، سىنتەبىر، ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا 26 پىلنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

دوكلاتتا، پىللاردىن 11 نىڭ زەنجىردىن زەھەرلەنگەنلىكىگە دائىر گۇمانلارنىڭ بارلىقى، قالغانلىرىنىڭ بولسا، تەبىئىي ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بەزى پىللاردىن ئېلىنغان نەمۇنىلەرنىڭ كېنىيە ھايۋانلارنى قوغداش ئىدرىسى لابوراتورىيەسىدە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ۋە پىللارنىڭ چىشلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالىمۇ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ: #كېنىيە , #پىل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر