خىتاي كانادا پۇقراسى ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە بىر كانادا پۇقراسىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنىڭ توغرا ئىكەنلكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر كىشىنىڭ خىتايدا رۇخسەتسىز خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدارىي جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1110747
خىتاي كانادا پۇقراسى ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلدى

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ساراھ مىكلۋېر ئىسىملىق كانادا پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنىڭ راستلىقىنى ئېيتتى.

خۇا چۇنيىڭ ساراھ مىكلۋېرنىڭ خىتايدا رۇخسەتسىز خىزمەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن دۆلەت خەۋەپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىدارىي جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما جازانىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

خۇا چۇنيىڭ خىتاي بىلەن كانادانىڭ مىكلۋېر ھەققىدە يېقىن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىكلۋېرنىڭ نازارەتكە ئېلىنىش سەۋەبىنىڭ باشقا ئىككى كانادا پۇقراسىنىڭكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن 3 - بىر كانادا پۇقراسىنىڭ خىتايدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقنى ئېلان قىلغان، بىراق بۇ كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. 

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە مەزكۇر قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ دېپلوماتىيە خادىمى ئەمەسلىكىنى ۋە خىتايدىكى كانادا شىركەتلىرىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچسى خۇا جۇنيىڭ تۈنۈگۈن كانادا پۇقرالىرىدىن 3بىر كىشىنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا: «سىز دېگەن ئىشتىن خەۋىرىم يوق» دەپ تۇرىۋالغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇر -تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرىكتورى مىڭ ۋانجۇ كانادادا 1دېكابىردا ئايروپىلان بىلەن ئۆتكۈنچى سەپەر قىلىش جەريانىدا نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئاخباراتلاردا ئۇرۇن ئالغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقى ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە كانادانىڭ بيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتقان ئىدى.

كانادادا مىڭ ۋانجۇ نازارەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىمۇ تەۋە بولغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن 10دېكابىردا، كانادا پۇقراسى مىچەل سىپاۋور ۋە مىچەل كوۋرىگ «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەردە بولغان» دېگەن گۇمان بىلەن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

مىچەل سىپاۋور ۋە مىچەل كوۋرىگ ھەققىدە خىتايدا ئايرىم ئايرىم دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشرۈش باشلانغان ئىدى.

مىڭ ۋانجۇ كانادادا 12دېكابىردا كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ بىراق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى كىرىزىس داۋاملاشماقتا.

كانادا ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مېلانې جولىي ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 15دېكابىردىكى خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە كانادا باش مىنىسترى جۇستىن تىرۇدېئۇمۇ: «بۇ دۇنيا بويىچە ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر بىرى بىلەن جېدەللىشىشنى باشلىغان مەزگىلىدە يۈز بەگەن ئەھۋاللاردىن بىرسىدۇر. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆرلىگەن ئىقتىسادىي ئۇرۇش كانادادا شۇنداقلا يەرشارى ئىقتىسادىدىمۇ ھەر ترۈلۈك كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان نەتىجىلەرگە سەۋەب بولماقتا. بۇ جەھەتتە بىز قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر