ئارگېنتىنادا 5700 يىل ئىلگىرى ياشىغان بىر بوۋاق قالدۇقلىرى تېپىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنانىڭ مېندوزا شەھىرىدە تەخمىنەن 5700 يىل ئىلگىرى ياشىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بىر بوۋاققا ئائىت قالدۇقلار تېپىلدى.

1110074
ئارگېنتىنادا 5700 يىل ئىلگىرى ياشىغان بىر بوۋاق قالدۇقلىرى تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتلىك كۇيو ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر قاكۇلتىتى ئىنسان پالېئوئېكولوگىيە لابوراتورىيەسىگە تەۋە بىر گۇرۇپپا ئارخىئولوگ 2015يىلى تېپىلغان ئۆسمۈرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن «ئۆڭكۈر ئۆسمۈرلىرى» دەپ نام بېرىلگەن رايوندا، 5700 يىل ئىلگىرى ياشىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بىر ئوغۇل بۇۋاققا ئائىت قالدۇقلارنى بايقىدى.

ئارخىئولوگىيە ئەترىتى مەسئۇلى ئالېجاندىرات گاسكو يېڭى تېپىلغان قالدۇقلارنىڭ بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى تېپىلغان ئۆسمۈر قالدۇقلىرىدىن بىر يېرىم مېتىر ئۇزاقلىقتىن بايقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئوخشاش يەردە يەنە بىر كىچىك بالىنىڭ كۆمۈلگەن بولۇشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق» دېدى.

مەزكۇر رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن مەقسىتى قالدۇقلارنى تېپىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئالېجاندىرات گاسكو يەنە مۇنداق دېدى:

  «بۇرۇنقى قېزىپ تەكشۈرۈلگەن جاينىڭ يەر قاتلىمىنى تەكشۈرىۋاتاتتۇق. 2015يىلى كىچىك بالا قالدۇقلىرىنى تاپقان چوقۇرلۇققىچە چۈشكەن ئىدۇق. بىزگە ئالاھىدە بىر نەرسە ئۇچراپ قالدى. قىزىل تۈككە ئوخشايدىغان بىر نەرسە. كاربونلۇق ئۆرەككە ئىگە يۇماق دائىرىدە چوتكىنىڭ يارىدىمى بىلەن 1- ياكى 2 سانتىمېتىرلىق بىر نەرسە چىقاردۇق. بۇنىڭ بىر ئېكەڭ سۆڭىكى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، بىر كىچىك بالا چەسىتىنىڭ قالدۇقىنى تاپقانلىقىمىزنى بىلدۇق. ئاندىن جۇئان كولنېىيو مويانو تەبىئەت ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى مۇزىيىدىن قىزىپ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك رۇخسەتلەرنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر يېڭى تېپىلغان قالدۇدۇقلارنىڭ ئالدىنقىلىرى بىلەن ئوخشاش دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. 

تەتقىقات لايىھەسى مەسئۇلى ئىنسانشۇناس ۋىكتور دۇرانۇم 2015يىلىدا تېپىلغان قالدۇقلارنىڭ تەتقىقات ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دەسلەپتە تېپىلغان بالا قالدۇقلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ بۇنىڭدىن 5750 يىل ئىلگىرىگە تۇتۇشىدىغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر