بېلگىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

بېلگىيە باش ۋەزىرى چارلېس مىشېل ئىشەنچ ئاۋازى ئېرىشەلمەي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1109548
بېلگىيە باش ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە باش ۋەزىرى چارلېس مىشېل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ۋە ئىستېپانامىسىنى خان فىلىپىسقا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

بېلگىيە فېدراتىپ پارلامېنتىدا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان فىلىمەن سوتسىيالىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىست پارتىيەنىڭ «ئىشەنچ ئاۋازى»غا ئېرىشەلمىگەن باش ۋەزىر مىشېل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىشېل: ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدىم ۋە دەرھال خاننىڭ ھۇزۇرىغا چىقىمەن، دېدى ۋە خان فىلىپىسقا ئىستېپانامەسىنى تاپشۇردى.

بېلگىيە خانى فىلىپىس باش ۋەزىر مىشېلنىڭ ئىستېپانامەسىنى ۋاقتىنچە باستۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلدى.

خان فىلىپىس بۇ ھەقتە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ بىر نەچچە كۈچ ئىچىدە ئېنىق قارارىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىشېل ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا كۆچ ئەھدىنامىسىنى قوللىشى تۈپەيلى ئېغىر تەنقىدلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى.

باش ۋەزىر مىشېلنىڭ دۇنيا كۆچ ئەھدىنامىسىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن بېلگىيەدىكى 3 پارتىيەدىن تەشكىل تاپقان مىللەتچىلەر ئىتتىپاقىدىن يېڭى فىلىمەن پارتىيەسى چېكىنىپ چىقتى.

سوتسىيالىستلار ۋە يېشىلار پارتىيەسى تۈنۈگۈن پالامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ ئاۋازى بېرىش پائالىيىتىدە، باش ۋەزىر مىشېلغا ئىشەنچ ئاۋازى بەرمىدى.

بېلگىيەدە 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن فېدراتىپ سايلاملاردىن كېيىن 138 كۈن داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن چارلېس مىشېل باشچىلىقىدا قۇرۇلغان مەركەز ئوڭچىل بىرلەشمە ھۆكۈمىتى، ۋالون رايونىدىن لىبېراللار، فىلىمەن رايونىدىن ئاشقۇن مىللەتچى يېڭى فىلىمەن ئىتتىپاقى، خىرىستىيان دېموكراتلار ۋە لىبېراللارنىڭ پارتىيەلىرىدىن تەشكىل تاپاتتى.

بېلگىيەدە كېلەر قېتىملىق فىدراتىپ سايلاملار 2019-يىلى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر